سومالىدىكى ۋىلايەتلەر ئۆز ئالدىغا ھەربىي قىسىم قۇرۇشقا باشلىدى

سومالىدىكى 4 ۋىلايەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ھەربىي قىسىم قۇرۇشنى قارار قىلدى.

1076322
سومالىدىكى ۋىلايەتلەر ئۆز ئالدىغا ھەربىي قىسىم قۇرۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدىكى 6 ۋىلايەتتىن 4ى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى مۇستەقىل ھەربىي قىسىم قۇرۇشنى قارار قىلدى.

سومالىدىكى ۋىلايەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى تەرىىپىدىن چاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامىدە، سومالىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ تۇراقسىزلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئەش-شەباب تەشكىلاتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەش-شەبابقا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىغا ئاساسەن ۋىلايەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ۋىلايەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ۋىلايەتلەردىن تازىلاش ئۈچۈن ئىككى ئاي ئىچىدە ھەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئەسكەر ئەۋەتىدۇ، شۇنداقلا مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان يېڭى خەۋپسىزلىك قىسمى تەشكىللىنىدۇ.

بۇ يېڭى ھەربىي قىسىمنىڭ راسخوتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەپسىزلىك فوندى قۇرۇلىدۇ.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سومالىدىكى يىغىنغا پۇنتلەند، گالمۇندۇگ، جۇبالەند ۋە غەربىي جەنۇب ۋىلايەتلىرى قاتناشقان بولسا، ھىرشابېللې ۋە سومالىلەند ۋىلايەتلىرى قاتناشمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر