بېلۇجىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاندا گېنېرال سەئىد ئەھمەت ناگرانى ئېلىپ ماڭغان ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە، ئىككى ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1076046
بېلۇجىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئىشتاتىدا ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. پاكىستان تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم بېلۇجىستان ئىشتاتىنىڭ ۋاشۇق شەھىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. گېنېرال ناگرا ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئاپتوموبىلنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئىككى ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان. گېنېرال ناگرانى ھۇجۇمدا ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان.

بېلۇجىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بېلۇجىستان ئەركىنلىك ئارمىيەسى مەزكۇر ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەھرىيار ئافرىدى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بۇنداق قورقۇنچاقلىق بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرى، روھىي ئۈستۈنلۈكىمىزنى يوقىتالمايدۇ. گېنېرال ناگرانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمەن. بىز بىرلىكتە بېلۇجىستاننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىمىز.»

بېلۇجىستاندا يۈز بەرگەن يەنە بىر ھۇجۇمدا بولسا، بىر ساقچى، موتوسىكلىتلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاتقان ئوقىدا جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ ھۇجۇمغا، پاكىستاندىكى تالىبان جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېلۇجىستان ئىشتاتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان تەشكىلاتلار پات-پات ئىشتاتتىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ. بېلۇجىستان ئىشتاتى،  ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ۋە پورتلىرى، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىسىدىن مۇھىم بولغان گۋادار پورتىنىڭ بېلۇجىستان ئىشتاتىغا جايلاشقانلىقى بىلەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، بېلۇجىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان تەشكىلاتلار، گۋادار پورتى ۋە بۇ پورتنى دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرىدىغان يوللارغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر