ئەرەبىستان تەپتىش مەھكىمىسى: تۈركىيە تەمىنلىگەن دەلىللەرگە قارىغاندا جىنايەت ئالدىن پىلانلانغان

سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش مەھكىمىسى، جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) جىنايىتىنىڭ ئالدىن پىلانلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1075505
ئەرەبىستان تەپتىش مەھكىمىسى: تۈركىيە تەمىنلىگەن دەلىللەرگە قارىغاندا جىنايەت ئالدىن پىلانلانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمال قاشىقجى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا؛ ئەرەب مېدىياسى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر تەپتىش خادىمى، «تۈركىيەدىن كەلگەن مەلۇماتلار جىنايەتنىڭ ئالدىن پىلانلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن ۋە گۇماندارلارنى سوراق قىلىش جەريانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدا چىققان جېدەلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.

ھەم تۈركىيە، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر