سۈرىيەدىن قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن ياپونىيەلىك ژۇرنالىست دۆلىتىگە قايتتى

قانۇنسىز يوللار بىلەن سۈرىيەگە بارغان ياپونىيەلىك ژۇرنالىست جۇمپېي ياسۇدا ياپونىيەگە قايتتى.

1075437
سۈرىيەدىن قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن ياپونىيەلىك ژۇرنالىست دۆلىتىگە قايتتى
Jumpei Yasuda-Mustafa Varank.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىن تۈركىيەگە 2 كۈن ئىلگىرى ئېلىپ كېلىنگەن ياپونىيەلىك ژۇرنالىست جۇمپېي ياسۇدا ھاتاي كۆچمەنلەر ئىدارىسى قايتۇرۇش مەركىزىدىكى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. 

جۇمپېي ياسۇدا ئاتاتۈرك ئايروورۇمىنىڭ ئالاھىدە خادىملار كۈتۈش بۆلىمىدە ياپونىيە ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن ئۇچۇش ۋاقتىنى كۈتۈش ئەسناسىدا، زالدا ئەنقەرەگە قايتىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

مىنىستىر مۇستافا ۋارانك ياپونىيەلىك ژۇرنالىستقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.

ژۇرنالىست جۇمپېي ياسۇدا بولسا، قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمپېي ياسۇدا توكيو ئايروپىلانىغا ئۆلتۇرۇپ ئىستانبۇلدىن ياپونىيە ئۇچۇپ كەتتى.

بۇ ئارىلىقتا ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاكىيو مىياجىما سۈرىيەدىكى تېررورچىلار تەرىپىدىن 3 يىلدىن بۇيان گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان جۇمپېي ياسۇدانىڭ تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ساق سالامەت قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاكىيو مىياجىما مۇنداق دېدى:

«ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتىمەن. بۇ ھەمكارلىق تۈركىيەنىڭ ياپونىيەگە نىسبەتەن نەقەدەر ئىشەنچلىك بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. ياپونىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىمىز»

44 ياشلىق ياپونىيەلىك ژۇرنالىست جۇمپېي ياسۇدا 2015يىلى تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرگەن ۋە ئەلقائىدە تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىدى.

ئەلقائىدە ياپونىيەلىك ژۇرنالىستنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن 10 مىليون دوللار ئالۋاڭ تەلەپ قىلغان ۋە ياپونىيە بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر