پۇتىن: ياۋروپاغا يېڭى بومبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، موسكۋا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ياۋروپاغا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، موسكۋانىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1075203
پۇتىن: ياۋروپاغا يېڭى بومبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، موسكۋا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ «ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمى» دىن چېكىنىش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پۇتىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى كېلىشىمىنىڭ، نۆۋەتتە ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغىنىدا، قوراللىنىشنىڭ زورىيىشىنى چەكلەيدىغان بىر نەرسە قالمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كېلىشىمدىن چېكىنگەن تەقدىردە، ياۋروپانىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «ئاساسلىق شوئال شۇكى، بۇ يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارىتا (ياۋروپا) نېمە قىلىدۇ؟ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئەگەر ياۋروپاغا تاپشۇرۇلسا، تەبىئىي ھالدا بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، ئۆز زېمىنلىرىنى يۈز بەرگۈسى نارازىلىق ھۇجۇمىنىڭ خەۋپى ئاستىغا ئىتتىرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېنىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن، ئامېرىكىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىرەر پاكىت كۆرسەتمىگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر