خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى «ئاراكان يىغىنى» غا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خىتاي، رۇسىيە ۋە بولىۋىيە، بىرمادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ب د ت قارمىقىدىكى بىرمادىكى ئەھۋاللارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنۇشىغا قارشى چىقتى.

1075516
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى «ئاراكان يىغىنى» غا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي، رۇسىيە ۋە بولىۋىيە، بىرمادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ب د ت قارمىقىدىكى بىرمادىكى ئەھۋاللارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنۇشىغا قارشى چىقىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيە، كېڭەشنىڭ مۇۋەققەت ئەزاسى ۋە سېنتەبىر ئايلىق مۇۋەققەت باشلىقى بولىۋىيە يىغىننى ئېچىپ – ئاچماسلىق مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى خالىمغان خىتاينى قوللىغان رۇسىيە بىلەن بولىۋىيە، بېلەت تاشلاشتا شەرت بولغان 9 بېلەت چىققانلىقى ئۈچۈن، يىغىننىڭ چاقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا 6 دۆلەت يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى؛ ئېفىيوپىيە، ئېكۋاتور گىنەسى ۋە قازاقىستان بېلەت تاشلاشتىن يالتايدى. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ما جاۋشۇ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مەسئۇل ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرمادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ كېڭەشكە ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ پىكرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا بولسا، بىرما يىغىنىنى قوللىغان دۆلەتلەرنى ئاراكان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە «پالتا» ئۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي بولسا، 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىقنىڭ بىرما ئارمىيەسىنىڭ زورۋانلىقى نەتىجىسىدە مەجبۇرىي ھالدا ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باڭلادېشقا قېچىشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەنە بىر قېتىم ئاراكانلىقلارنىڭ بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قىيىن – قىستاق، مىيىپ قىلىپ قويۇش، قەتلىئام ۋە كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز ۋە يەنە بىر قېتىم بۇ زالدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىرمادا ئاراكانلىقلارغا نېمىلەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ب د ت بىرما مەسىلىسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش خەلقئارالىق ھەيئىتى باشلىقى مارزۇقى دارۇسمان بولسا، ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان 444 بەتلىك دوكلاتلىرىدا، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرما ئارمىيەسى تەرىپىدىن قىرغىنچلىق ئېنىقلىمىسى دائىرىسىگە كىرىدىغان بەش ماددىنىڭ تۆتىگە دۇچار قىلىنغانلىقىنىڭ يېزىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

10 مىڭ ئاراكانلىقنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان دارۇسمان، ئالاقىدار تەرەپلەرنى، بىرماغا قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا ۋە جاۋابكارلارغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

گوللاندىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ياردەمچىسى لىسا گرېگورىيا بولسا، بىرمادا ئاراكانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر