ھەزرەتى مۇھەممەدكە ھاقارەت قىلىش پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق موھكىمىسى ھەرزەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىگە كىرمەيدىىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ سىتراسبورگ شەھىرىدىكى ياۋروپا كىشلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ئاۋستېرىيەلىك بىر ئايال سۇنغان ئەرزنى خۇلاسىلىدى.
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق موھكىمىسى ھەممەيلەننىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن ھەرزەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قلىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمنامە چىقاردى.
ئاۋستېرىيەلىك ئايال 2009 – يىلى بىر كونفېرانستا ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ۋە 2011 يىلىدا ۋىيانا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا جەرىمانە جازاسى بەرگەن ئىدى.
ئايال بۇ جازا ئۈستىدىن ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق موھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق موھكىمىسىمۇ «ھەرزەتى مۇھەممەدكە ھاقارەت قىلىش پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.