ئامېرىكىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە « AT-6 » تىپلىق كىچىك بىر ئايروپىلان دۆلەتلىك تاش يولغا چۈشۈپ كەتتى.
1074587
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە دۆلەتلىك تاش يولىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە، ئۇچقۇچى يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالدى، يەرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئايروپىلانغا ئوت كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، شەھەر مەركىزىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن قازانىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.