پۇتىن ترامپقا كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بەردى.

1074316
پۇتىن ترامپقا كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا، بۇ يىل 11-نويابىردا فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئەسناسىدا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بەردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن كرىمېل سارىيىدا كۆرۈشتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكانىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمىدىن  چېكىنىپ چىققانلىقىنى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىنمۇ چېكىنىپ چىقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى دېدى.

ئسىتىراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايىتىش ۋە  «ستارت-3»ناملىق كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ئامېرىكانىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان پۇتىن، ئامېرىكانىڭ تاشقى پلانېتادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېىملىرىنىڭ پارچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن: بىلىشىمچە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت گېربىغا بىر بۈكۈتنىڭ رەسمى چۈشۈرۈلگەن، بۈركۈت بىر تەرەپتە 4 تال ئوق، يەنە بىر تەرەپتە تىنچلىق سىياسەتلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە 13 تال زەيتۇن بولغان زەيتۇن شېخىنى قاماللاپ تۇرىدۇ. مۇنداق بىر سوئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: بۈركۈت زەيتۇنلارنى يەپ كېتىپ، پەقەت ئوقلارمۇ قالدى؟، دېدى.

ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، بۇ يىل 11-نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بەردى.

مەسلىھەتچى بولتون پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پارىژدا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بولتون پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت گېربىدىكى زەيتۇن شېخى توغرۇلۇق سوئالىغا: بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، لېكىن مەن زەيتۇن شېخى ۋە زەيتۇنلارنى ئېلىپ كەلمەپتىمەن، دۆلەت گېربىمىزغا ئوبدان دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز زەيتۇن شېخى بۈركۈتنىڭ ئوڭ پۇتىدا تۇرىدىغان بولۇپ،بۇ قايسى مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر