مايك پېنس قاشىقجى توغرىسىدا بايانات بەردى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA باشلىقى گىنا ھاسپېلنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) دېلوسى دائىرىسىدە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «(ھاسپېل) دەلىللەرنى تەكشۈرىدۇ. پۈتۈن ھەقىقەتلەردىن ۋاقىپ بولغىنىمىزدىن كېيىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى ۋە مۇھىم مەنپەئەتلىرىمىزنى نەزەردە تۇتقان ھالدا قارار چىقىرىدۇ» دېدى.
قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە «ئەركىن ۋە مۇستەقىل مېدىياغا قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ باھا بەرگەن پېنس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەقىب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدا چىققان جېدەلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.