خىتاي، مالايشىيا ۋە تايلاند ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي، مالايشىيا ۋە تايلاند مالايشىيانىڭ مالاككا بوغۇزى بويىدىكى پورت دىكسون شەھىرىدە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1074700
خىتاي، مالايشىيا ۋە تايلاند ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي، مالايشىيا ۋە تايلاند ئەسكەرلىرى تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ «تىنچلىق ۋە دوستلۇق 2018»ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

مالايشىيانىڭ مالاككا بوغۇزى بويىدىكى پورت دىكسون شەھىرىدە باشلىغان ھەربىي مانېۋىر ئەسناسىدا سۆز قىلغان مالايشىيا ئارمىيەسى گېنېراللىرىدىن قوماندان سىيېد زاھىرۇددىن پۇترا: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرىمىزنىڭ ئىنسانىي ياردەم ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە پىلانى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پايدىسى بولىدۇ، دېدى.  

خىتاي ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان گېنېرال ما يىمىڭ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىنچلىق ۋە دوستلۇقنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر كەڭ دائىرلىك ھەمكارلىقىمىز، ئورتاق پىلان تۈزۈش قابىليىتىمىز ۋە كەسپىلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى.

ئۈچ دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا، خىتاي ئارمىيەسى 693 ئەسكەر، 1 ھەربىي پاراخوت، مالاشىيا ئارمىيەسى 592 خادىم، ئىككى ھەربىي پاراخوت ۋە ئىككى تىكئۇچار قاتناشتۇردى.

ھەربىي مانېۋىرغا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان تايلاند بولسا ئۇرۇش پىلانى ۋە ھەربىي مانېۋىرنى باشقۇرۇشتا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى.

خىتاي بىلەن مالايشىيا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 2014-يىلى ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر