ب د ت: «شىمالىي كورېيەدە ئىنسان ھەقلىرى ھېلىھەم ناچار ھالەتتە تۇرماقتا»

ب د ت شىمالىي كورېيە دوكلاتچىسى شىمالىي كورېيەدە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1074501
ب د ت: «شىمالىي كورېيەدە ئىنسان ھەقلىرى ھېلىھەم ناچار ھالەتتە تۇرماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق شىمالىي كورېيە ئالاھىدە دوكلاتچىسى توماس ئوجىيا كىيىنتانا، شىمالىي كورېيەنى مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىۋالغان سىياسىي كىلىماتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، لېكىن شىمالىي كورېيەدە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىيودو ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دوكلاتچى توماس شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خەۋپسىزلىك، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ساھەلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي كورېيەدە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى بۇرۇنقىدەك تۇرماقتا.»

شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغان توماس، ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن، بۇ يىل 27-ئاپرېلدا ئىككى دۆلەت چېگراسىغا جايلاشقان پانمۇنجوم ئوق چىقىرىشنى توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەنىدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامىدە، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ۋە ھازىرقى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشتە ھەر ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ كېلىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مون بىلەن كىم بۇ يىل يەنە 26-مايدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر يەنە پىيوڭيوڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ كېلىشتى.

پىيوڭياڭدىكى كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكەن مون بىلەن كىم ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە ئامېرىكا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىغان تەقدىردە شىمالىي كورېيەمۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن، بۇ يىل 12-سېنتەبىردە سىنگاپۇردا كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە ھەر ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنى يادور قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل  قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر