ئىران: رىياد قاشىقجى ۋەقەسىنى غەربنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشتى، بىراق...

ئىران ئەدلىيەسىگە قاراشلىق «مىزانئونلاين» خەۋەرلەر تورى، سادىق ئامۇلى لارىجانىنىڭ ئەدلىيە خادىملىرىغا خىتاب قىلىش ئەسناسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1073633
ئىران: رىياد قاشىقجى ۋەقەسىنى غەربنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشتى، بىراق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيەسىگە قاراشلىق «مىزانئونلاين» خەۋەرلەر تورى، سادىق ئامۇلى لارىجانىنىڭ ئەدلىيە خادىملىرىغا خىتاب قىلىش ئەسناسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان باشتا غەربنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەقەنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشتى، ئارقىدىن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىرانلىق ئەمەلدار لارىجانى يەنە، «قاشىقجىنىڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆككەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى ۋە شۆھرەت قوغلىشىۋاتقان ياش (تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان) نىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىزدېرىكى قىلىنالمىغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا چىققان جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر