ئامېرىكا: پاراخوتلىرىمىزنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى خەلقئارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن

خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى «بىر خىتاي» سىياسىتى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

1074188
ئامېرىكا: پاراخوتلىرىمىزنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى خەلقئارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن (22-ئۆكتەبىر) ئامېرىكانىڭ «USS Curtis Wilbur» ۋە «USS Antietam» ناملىق ئىككى ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر مەسىلىدىكى ئەندىشەلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتچى خۇا چۈنيىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانى <بىر خىتاي> سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزىغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە دىققەت قىلىشى كېرەك.»

ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى تۈنۈگۈن تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى روب مەننىڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا: «ئىككى ھەربىي پاراخوتىمىز خەلقئارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن، بۇرۇندىن داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پاراخوتلار تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكانىڭ ئەركىن ۋە قاتنىشى راۋان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېگەن ئىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي سىياسىتى» نى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتتە خىتايغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان تەقدىردە زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1949-يىلى كوممۇنىستىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىميەت تىكلىشى نەتىجىسىدە تەيۋەنگە قېچىپ ھاكىمىيتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت خىتايغا تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىك قىلىشىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر