ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى رىيادتا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى.

1073752
ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى رىيادتا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا، تەرەپلەرنىڭ ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاقلىقى شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 – يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى بويلىغان ھالدا بۇ ئورتاقلىقنىڭ كېلەچەكتىكى رولىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە، تېررورنىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالىد بىن سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەدان، ئامېرىكىنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئورنىدىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى مارتىنا ستروڭنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، منۇچىن بىلەن شاھزادە مۇھەممەدنىڭ ئۇچرىشىشىدا قاشىقجى ۋەقەسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن – كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى. منۇچىن، قاشىقجى ۋەقەسىدىن كېيىن رىيادقا بارغان ئىككىنچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن 16 – ئۆكتەبىردە رىيادتا زىيارەتتە بولغانىدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىزدېرىكى قىلىنالمىغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا چىققان جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر