بېلگىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىپ بەرمەسلىك توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى

بېلگىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىشنى توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان گېرمانىيەنى ئۈلگە قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1074043
بېلگىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىپ بەرمەسلىك توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دې كرو بېلگىيەدە فلامانچە تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان «‹ VRT › رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، قورال - ياراغ ئېكسپورتىغا ئالاقىدار قارارلارنىڭ رايونلۇق پارلامېنتلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەۋسىيەدە بولۇشتىن باشقا ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كوزېر قىلىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە گېرمانىيەگە ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەقەلىكنىڭ ئىنسانىي تەرىپىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بېلگىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتا قورال - ياراغ ئېكسپورتىنى توختىتىشى دېمەك، يەمەندە ھەر كۈنى ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش دېمەكتۇر.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فلامان، ۋالون ۋە بىريۇسسېل رايونلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بېلگىيەدە، بولۇپمۇ ۋالون رايونى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىش بىلەن دىققەت قوزغايدىكەن، پەقەت بۇ رايوندىنلا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىلىغا 153 مىليون ياۋرولۇق قورال - ياراغ سېتىپ بېرىلىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20 – ئۆكتەبىر كۈنى، 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر