ئۈچ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1073145
ئۈچ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرمى خانت، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئىۋ لۆدىريان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ژۇرنالىست جەمال كاشىكچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىتابنامە ئېلان قىلدى.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كاشىكچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش مۇمكىنلىكىدىن قورقۇنچ ھېس قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ خەۋەر توغرىلانغاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈچىگەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە: «ھېچقانداق نەرسە بۇ جىنايەتنى ئاقلىيالمايدۇ، بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

«سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان باياناتىنى ئەستە چىڭ تۇتىمىز» دېيىلگەن باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى:

«بىراق 2-ئۆكتەبىردە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تولۇق ئايدىڭلىتىشىمىزغا ئېھتىياجلىقمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تەكشۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلەيمىز. نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە كۆپ ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق نومۇس قىلارلىق ۋەقەنىڭ قەتئىي يۈز بەرمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزگە ئاساسەن ئاخىرقى قارارىمىزنى چىقىرىمىز.»

خىتابنامىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن داۋاملىق ئالاقە ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بولۇشى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ، بارلىق تەرەپلەر ئورتاق بويسۇنىدىغان خەلقئارالىق قانۇن رامكىلىرىغا ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە قىلىنغان ھۆرمەتكە باغلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست كاشىكچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا چىققان سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر