ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىش، دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك

رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىغا ئوخشاش قەدەملەرنىڭ، دۇنيانى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1073365
ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىش، دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قارارىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ موسكۋا زىيارىتدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ بۇ توغرىدىكى باياناتلىرىنى ئاڭلىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ تېما ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىسى.»

ئۇ:« «ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىغا ئوخشايدىغان قەدەملەر دۇنيانى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا ئەكىلىدۇ. كېلىشىم بۇزۇلغان ئەھۋالدا رۇسىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە باياناتچىسى پېسكوۋ كېلىشىمدىن چېكىنىشتە ئالتە ئايلىق تەرتىپ باسقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرچە كېلىشىم مەزمۇنى بويىچە ئامېرىكانىڭ ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا توختالغاندا: «بىز كېلىشىمگە ئەمەل قىلغان تەرەپ بولدۇق ۋە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلدۇق. بىراق، ناھايىتى ئەپسۇسكى رۇسىيە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلمىدى. بۇ سەۋەبتىن كېلىشىمنى بىكار قىلىپ، چېكىنىپ چىقىمىز» دېگەن ئىدى.

1987-يىلى ئامېرىكا -رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر