ئىراندا توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالدى

ئىراندا «يەم-خەشەك كەملىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر»تۈپەيلى توخۇ ۋە توخۇم توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالدى.

1073129
ئىراندا توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا «يەم-خەشەك كەملىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر»تۈپەيلى، توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختاپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، قاناتلىق ھايۋان ئىشلەپچىقىرىش ئۇيۇشمىسى بىلەن توخۇم ئىشلەپچىرىش ئۇيۇشمىسىنىڭ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىغا ئاتاپ خەت يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

خەتتە «دۆلەتنىڭ يېتەرلىك مىقداردا ياكى ۋاقتىدا تاشقى پېرېۋوت تەمىنلىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يەم-خەشەك ئالمىدى، ئەھۋال بۇنداق كېتىۋەرسە توخۇ ۋە توخۇم ئىشلەپچىقىرىشمۇ پات يېقىندا توختاپ قالىدۇ»دېيىلدى.

يۈك ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى تۈپەيلى يەم-خەشەك ترانسپورتىنىڭ ئاقساپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان خەتتە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى تېز سۈرئەتتە تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە توخۇ، توخۇم ۋە چۆجە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراندا دوللارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 4000 تۈمەندىن 7500 تۈمەنگە ئۆرلەپ كېتىشىگە قارىتا، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدا دوللارنى 4200 تۈمەنگە مۇقىملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەركىن بازاردا دوللار سودىسىنى چەكلىگەنىدى.

تاشقى پېرېۋوت بازارلىرىدا يۈز بېرىدىغان داۋالغۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاشقى پېرېۋوت خىزمەتلىرىنى بىر مەركەزدىنلا ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئاپرېل ئېيىدا نىما نامى بېرىلگەن يېڭى سىستېما يولغا قويۇلدى.

يېڭى سىستېما ئارقىلىق «تاشقى پېرېۋوتلارنى كونترول قىلىش ۋە ئېھتىياجنى قامداش»مەقسەت قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ: #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر