ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچىمۇ؟

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ھەققىدە توختالدى.

1073472
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ ماداگاسكار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلوي ماكسىم ئالپونس دوۋول بىلەن پايتەخت موسكۋادا چاقىرغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا مەنزىللىك يادرو كۈچلەر كېلىشىمىگە دائىر قارارى ئۈستىدە توختالدى.

لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارارىنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن تېخىچە خەۋىرى يوقلۇقىنى، پەقەت ترامپنىڭ نىيىتى بارلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا تەرىپىدىن رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

لاۋروۋ موسكۋانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشى ھەققىدە ۋاشىنگىتون بىلەن ھەر تۈرلۈك ئالاقە ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز كېلىشىمدە قالغان تەرەپ بولدۇق ۋە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىدۇق. بىراق رۇسىيە ئەپسۇسكى، بۇ كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلمىدى. شۇڭلاشقا كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىمىز» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە رۇسىيە بىلەن تۈزگەن ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشىمى 1987يىلى ۋاشىنگىتوندا ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر