ئەنگلىيەدە بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا سۆزلىشىشىنى چەكلىدى

ئەنگلىيەنىڭ بىرمىڭھام شەھىرىدىكى نىنېستىلېس ئوتتۇرا مەكتىپى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا سۆزلىشىشى ۋە ھەر تۈرلۈك ئاۋاز چىقىرىشىنى مەنئى قىلدى.

1073370
ئەنگلىيەدە بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا سۆزلىشىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س تۈركچەنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قارارغا خىلاپلىق قىلغانلار 20 مىنۇت تۇتۇپ قېلىنىدىكەن.

مەكتەپ رەھبەرلىكى ئاتا – ئانىلارغا مەكتۇپ يوللاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 5 – نويابىردىن تارتىپ بىنا ئىچىدە ھەرىكەت قىلغاندا ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار پەقەت رېستوران، تاماق يېيىش ئورنى ۋە «ئىجتىمائىيلىشىش ئورنى» دىلا بىر – بىرى بىلەن ئۆزئارا سۆزلىشەلەيدىكەن.

بەزى ئاتا – ئانىلار، بۇ تۈزۈم بالىلارنى ياتلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا. مەكتەپ رەھبەرلىكى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ تۈزۈم سايىسىدا «جىمجىت شۇنداقلا ئۆگىنىشكە تەييار» ھالەتتە سىنىپلىرىغا كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى مۇۋەققەت ئورۇنداپ كېلىۋاتقان تەڭ ھوقۇقلۇق مۇدىر ئالېكس خوگېس ۋە ئاندرېئا ستېفېنس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈن بويى بۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1400 ئوقۇغۇچىسى بار بولغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى، كارىدورلارنىڭ نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، گەپلەشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن 20 مىنۇت تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى تەكرارلانغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازالارمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر