تەيۋەندىكى پويىز ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 18 گە يەتتى

تەيۋەندە يولۇچى پويىز رىلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋەقەدە، 18 كىشى ئۆلۈپ، 187 كىشى يارىدار بولدى.

1072993
تەيۋەندىكى پويىز ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 18 گە يەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Focus Taiwan»، تۈنۈگۈن يېڭى تەيپېي شەھىرىدىن تايتۇڭ شەھىرىگە كېتىۋاتقان ۋە شەرقىي شىمالدىكى يىلان ۋادىسىدا رىلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىزدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 18 گە يەتكەنلىكىنى ۋە 187 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە جەريانىدا تەيۋەن تۆمۈر يولى ئىدارىسىغا قاراشلىق «Puyuma Ekspress» شىركىتىگە تەۋە 8 ۋاگونلۇق پويىزنىڭ 5 ۋاگونى كۆمتۈرۈلەپ كەتكەن بولۇپ، پويىزدا جەمئىي 366 يولۇچىنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.

سەھىيە خادىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋەقەدىن كېيىن پويىز خارابىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تازىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پۇيىز ۋەقەسىنىڭ جەمئىي 19 مىڭ 650 پويىز يولىچىسىنىڭ سەپەرلىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكى، پويىز مۇلازىمىتى توختاپ قالغان جايلاردا ئاپتوبۇس بىلەن مۇلازىمەت قىلىنغانلىقى ۋە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىنۋېن ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى زىيارەت قىلىپ، قازاغا يولۇققانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىنۋېن يەنە، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقلىىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇللارغا تۆمۈر يولنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان قىسمىنى بالدۇرراق رېمۇنت قىلىش ھەققىدە يوليۇرۇق بەردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر