مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 956 گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيەنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى.

1073114
مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 956 گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، تېررورچىلارنىڭ 1 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى قوشقاندا، جەمئىي 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 15ئۆكتەبىردىن 22ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 2829 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار ئارىسىدا تېررورچىلار كاتىباشلىرىدىن تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان يۈسۈف تۇنچنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بولغان 199 گۇماندار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 667 گۇماندار، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائشقا چېتىشلىق 71 گۇماندار ۋە سولچى تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 19 گۇماندارنازازەتكە ئېلىندى.

تېررور تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە نەپرەت سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 250 ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 227 كىشىگە دائىر ئەدلىيە ھۆكۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر