كوفمان ترامپنى رىيادتىكى ئامېرىكا ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىردى

ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پالاتا ئەزاسى مايك كوفمان، دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1072633
كوفمان ترامپنى رىيادتىكى ئامېرىكا ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پالاتا ئەزاسى مايك كوفمان، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كولورادو ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كوفمان، قاشىقجى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، «بىزنىڭ دۆلىتىمىز قىممەت – قاراشلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوفمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا بارلىق دۆلەتلەر قاشىقجى ئۆلۈمى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەيىبلىشى ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىشى لازىم. پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى رىيادتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىنى كۈتۈۋاتقان مۇۋەققەت ئەلچىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرىمەن» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كالىفورنىيە پالاتا ئەزاسى ئادام چېفمۇ، ترامپ دائىرىلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى قەدەم تاشلاشقا چاقىرغان ۋە تېگىشلىك قەدەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاشلانمىغان تەقدىردە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

رىياد دائىرىلىرى، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدىكى جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر