خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 22 ئىشچى قاپسىلىپ قالدى.

1072559
خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان شەندوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق يۈنچىڭ ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كاندا بۈگۈن كېچە پارتلاش يۈز بەرگەن، پارتلاش ئەسناسىدا كاندا ئىشلەۋاتقان 334 ئىشچىنىڭ 312 سى سىرتقا چىقىرىۋېلىنغان، 22 ئىشچى بولسا، كاندا قاپسىلىپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشقا سەۋەب بولغان ئامىل ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى كاننىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر