جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مون چۇڭئىن دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1071934
جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مون چۇڭئىن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇستەقىل ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ  تەستىقلىشىغا ئېھتىياجى يوقلىقىنى ئېيتتى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەسلىھەتچى مون جەنۇبىي كورېيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىككى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پىرىنسىپى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ بايانات بېرىشىگە قارىتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تەستىقىمىز بولماي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ»دېگەن تەرىقىدە جاۋاب قايتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مەسلىھەتچى مون: تەستىق دېگەن ئىبارەت تولىمۇ خاتا، بۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەت ۋە مۇرەسسەلىشىش دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى، پىرېزىدېنت ترامپ جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن مەسلىھەت قىلماي ياكى مۇرەسسەلەشمەي تۇرۇپ ئېمبارگولارنى بىكار قىلالمايدۇ، دېيىشى لازىم ئىدى، دېدى.

مون  جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەستىقىغا ئېھتىياجى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ: جەنۇبىي كورېيە مۇستەقىل ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتتۇر. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى نېمىشقا بۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ بىز نېمىشقا ئامېرىكىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەرىكەت قىلغۇدەكمىز؟ ئەگەر ھەرىكەت قىلساق ئۇنداقتا بىز مۇستەقىل دۆلەت ئەمەسمۇ؟، دېدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كاڭ كىيۇڭ خىيا بۇ يىل 10-ئۆكتەبىردە بايانات بەرگەندە، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى جەنۇبىي كورېيەلىك 45 پاراخوت خادىمىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن، شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولارنىڭ كۆپ قىسمىنى بىكار قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ باياناتتىن كېيىن ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكانىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق ئۇچۇر يازغانىدى: «جەنۇبىي كورېيە بىزنىڭ تەستىقىمىز بولماي تۇرۇپ بۇنى قىلسا بولمايدۇ، ئۇلار تەستىقىمىز بولماي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر