بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئامېرىكانىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1071639
بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئامېرىكانىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ %46سى ئامېرىكانىڭ بىر يىل ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن.

ئامېرىكا  ئەسكەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا،  ئەسكەرلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئامېرىكانىڭ بىر يىل ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ راي سىناشنى ئۇيۇشتۇرغان «ھەربىي ۋاقىت گېزىتى» 2017-يىلىمۇ ئەسكەرلەر ئۈستىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىپ،  ئەسكەرلەرنىڭ %5نىڭ ئامېرىكانىڭ كىچىك كۆلەمدە بولسىمۇ ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىگە دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىدە بارغانچە ئېشىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىق، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

راي سىناشقا قاتناشقان ئەسكەرلەر ئامېرىكاغا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ زور تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلايدىكەن. بۇ مەسىلىگە دائىر تاللاش خاراكتېرلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئەسكەرلەرنىڭ %71ى رۇسىيەنى، %69ى خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىكەن.

بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا ئەسكەرلەرنىڭ %53نىڭ رۇسىيەنى، %45نىڭ خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

راي سىناشتا ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ «كۈچ جەھەتتە ئامېرىكاغا يېقىن تۇرىدىغان رەقىبلەر»گە قارشى ئۇرۇشقا تەييار بولۇش لازىملىقى توغرىسىدا توختىماي بايانات بېرىشىنىڭ، ئەسكەرلەرنىڭ  ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەسكەرلەر يەنە سىبەر تېررورىزمنىمۇ زور تەھدىت دەپ قارايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر