ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى – باگرامغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى – باگرامغا يېقىن جايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
پەرۋان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى مەھفۇز ۋەلىزادە، بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن يەردىن ئۆتۈۋاتقان ناتو ئاپتوموبىللىرىغا يېقىنلىشىپ پارتلاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرادىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۈچ ناتو ئەسكىرى بىلەن ئىككى پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئافغانىستاندىكى ناتو كۈچلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى. بىراق، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تالىبان تەشكىلاتى، ۋەقەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.