تۇنا دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى يېقىنقى 70 يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىغا چۈشۈپ قالدى

ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا تونا دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ يېقىنقى 71 يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىغا چۈشتى.

1071069
تۇنا دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى يېقىنقى 70 يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىغا چۈشۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە سۇ ئىشلىرى مۇدىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتە ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى پايتەخت بۇداپېشىتتا تونا دەرياسىنىڭ سۇ چوڭقۇرلۇقىنىڭ 43 – 44 سانتىمېتىرغىچە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۇ مىقدارى ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تونا دەرياسىدا كېمە قاتنىشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، دەريانىڭ سۇ چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1946 – يىلى 6 – نويابىردا 51 سانتىمېتىرغا چۈشكەنلىكى ۋە قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يېڭى رېكورتلارنىڭ يارىتىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بۇداپېشىتتىن باشقا ئادوني، دۇنائۇجۋاروس، پاكس ۋە دومبورى شەھەرلىرىدىمۇ دەريانىڭ سۇ مىقدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر