ترامپ: تۈركىيەدىن قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش بولسا، بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئالاقىدار ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش بولسا، بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1070819
ترامپ: تۈركىيەدىن قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش بولسا، بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ قاشىقجى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش مەلۇماتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە» دېگەن بىر سوئالغا «ئەگەر بولۇپ قالسا (بۇ مەلۇماتلارنى) بىز تەلەپ قىلدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ، «ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈشلەر بولسا، ھەيران قالامسىز؟» دېگەن يەنە بىر سوئالغا «ياق، بار – يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، لېكىن بار بولۇش ئېھتىمالى بار. (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) مايك پومپېئو (تۈركىيەدىن ئامېرىكىغا) قايتىپ كەلگەن چاغدا ئەتراپلىق مەلۇمات ئالىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ، مايك پومپېئونى ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇ، رىيادتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

سەئۇدى ئىسلاھاتچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئوخشاشلا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىغا ماقالە يېزىۋاتقان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ھەققىدە 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن بۇيان خەۋەر ئېلىنالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر