ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى سومالىنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

1070486
ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەشەباب تەشكىلاتىغا ئەزا 60 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: « ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سومالى فېدېرال ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ 12 – ئۆكتەبىر كۈنى ھاراردەرە ئەتراپىدا ئەشەشەباب تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 60 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى، ھۇجۇم جەريانىدا پۇقرالار قىلچە زىيانغا ئۇچرىمىدى. بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافرىقا قىسىملىرىنىڭ 2017 - يىلى 21 – نويابىر كۈنى ئەشەشباب لاگېرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ۋە تەخمىنەن 100 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر