ترامپ: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىت

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (FED) نىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1070490
ترامپ: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ فوكس سودا قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇردى؛ ئۇ، بانكا مۇستەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل سىياسىتى توغرىسىدا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى جېرومې پوۋېل بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈملەرنى ناھايىتى تېز ئۆستۈرمەكتە. مۇستەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ (ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى پوۋېل) بىلەن سۆزلەشمەيۋاتىمىز، بىراق قىلغان ئىشلىرىدىن مەمنۇن ئەمەسمەن. چۈنكى، ناھايىتى تېز (كېتىۋاتىدۇ) دېدى.

ترامپ، پۇل پاخاللىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۆۋەن چىققانلىقىنى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھالدا، «ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ ترامپنىڭ، ئۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان 6 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرگەن ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىغا قاراتقان دەسلەپكى ئەيىبلىشى ئەمەس. ترامپ، ئۆتكەن ھەپتە «ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنى خاتا قىلدى، دەپ ئويلاۋاتىمەن. پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى ناھايىتى چىڭ، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بېشى ئېلىشىپ قالدى» دېگەنىدى.

كۈچلۈك دوللارنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى پوۋېلنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى ئويلىشىپ – ئويلاشمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «ياق، ئۇنى ھەيدىۋەتمەيمەن. پەقەت ئۈمىدسىزلىنىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر