خامەنېي مۇتەخەسسىسلەرگە «ئىران تەرەققىيات مودېلى» لايىھەسى تۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېي، ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەرگە «ئىران تەرەققىيات مودېلى» لايىھەسى تەييارلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

1068697
خامەنېي مۇتەخەسسىسلەرگە «ئىران تەرەققىيات مودېلى» لايىھەسى تۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خامەنېي قارارنامە ئېلان قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەردىن «ئىران تەرەققىيات مودېلى» لايىھەسىنى 2 يىل ئىچىدە تەييارلاپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر قارارنامەنىڭ ھىجرىيە – شەمسىيە كالىندارى بويىچە 1400 – (مىلادىيە 2021) يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى، نىشاننىڭ ھىجرىيە شەمسىيە كالىندارى بويىچە 1444 – يىلى (مىلادىيە 2065) غا بارغاندا ئىراننى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 4 ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 7 دۆلىتىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھىجرىيە – شەمسىيە كالىندارى ئىشلىتىلىدىغان ئىراندا 21 – مارتتا 1397 – يىلىغا قەدەم بېسىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر