سومالىدا ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

سومالىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بايدابو شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى...

1068271
سومالىدا ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بايدابو شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 15 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

بايدابو شەھىرىدىكى سومالىلىق سىياسەتچىلەر كۆپلەپ بارىدىغان بىلان مېھمانخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا؛ ئەلبەدر رېستورانى بولسا، ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىرلا ۋاقىتتا سادىر قىلىنغان مەزكۇر ھۇجۇملاردا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، 15 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئاساسلىقى پايتەخت موقدىشۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئەششەباب تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر