مالايشىيادىكى ئارا سايلامدا ئەنۋەر ئىبراھىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

ئەنۋەر ئىبراھىم سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پورت دىكسوندا غەلىبە نۇتىقى سۆزلەپ، سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1068394
مالايشىيادىكى ئارا سايلامدا ئەنۋەر ئىبراھىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ پورت دىكسون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان خەلقنىڭ ئادالىتى پارتىيەسى باشلىقى ئەنۋەر ئىبراھىم، «سايلامنىڭ نەتىجىسىدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن. بۈگۈنكى غەلىبە، كۆپ سانلىقنىڭ ئۈمىد ئىتتىپاقى بىرلەشمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

ئەنۋەر ئىبراھىم سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پورت دىكسوندا غەلىبە نۇتىقى سۆزلەپ، سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، سايلامدا بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، »مالايشىيالىقلار مېنى كۈچلۈك قوللىدى. خىتايلار، ھىندىلار ھەتتا يەرلىك ئېتنىك گۇرۇپپىلارمۇ تولۇق قوللىدى. ئەڭ سەمىمىي مەمنۇنىيەتلىرىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئۇ دىققتىنى پارلامېنتتىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ كېرەكلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ۋە ئۆزىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان پورت دىكسون خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر