رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ھەربىي ساھەدە كېلىشىم تۈزدى

رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇداپىئە منىستىرلىرى ھەربىي ساھەدە كېلىشىم تۈزدى.

1067506
رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ھەربىي ساھەدە كېلىشىم تۈزدى
Sergey Şoygu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا ھاۋا تەۋەلىكلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنستىرلىقلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تاشكەنتكە كەلگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسالو ئەزىزوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېڭەش قىلىنغان كۆرۈشۈشتە سۆز قىلغان شويگۇ، رۇسىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدېشى سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر شويگۇ خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ رايونغا تارقىلىشىغا ئوخشاش تەھدىتلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۆزبېكىستان ئارمىيەسىنىڭ 340تىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ بۇ يىل رۇسىيەدىكى ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتقان شويگۇ، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس  قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىزوۋمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يىل رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا ھەربىي تېخنىكا ۋە تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى شويگۇ بىلەن ئەزىزوۋ ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكلىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشلىتىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئىككى مىنىستىر يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2019-يىلى ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن كېلىشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر