ياپونىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرمىدىكى زېمىنغا قايتىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1065706
ياپونىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا زىيارەتتە بولغان بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئاڭ سانسۇچى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ياپونىيەنىڭ ھەم بىرمىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى ھەمدە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل بىر ھەيئەت تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئىشەنچىلىك تەكشۈرۈش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017 -  يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىن قېچىپ، باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاراكاندا يۈزلەرچە يېزا ۋەيران قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسپاتلاشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاراكانلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن بىرما بىلەن باڭلادېش ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىكەن.

خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىگە كىرىشىگە ئاساسىي جەھەتتىن چەكلىمە قويغان بىرما ھۆكۈمىتى، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتماقتا ئىكەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ئاي بىرمىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى توغرۇلۇق ئالدىن تەكشۈرۈش باشلاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر