گوگۇل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

گوگۇل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۆلەم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1065690
گوگۇل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇل شىركىتىنى « Android »پىروگراممىسى ئارقىلىق بازاردىكى نوپۇزىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، شىركەتكە 4 مىليارد 300 مىليون دوللار جازا بەردى.

گوگۇل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

گوگۇل شىركىتى بىريۇسسېل دائىرىلىرىنىڭ 4 مىليارد 300 مىليون تۆلەم جازاسى قارارىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇنىي ئاپپاراتى بولغان ياۋروپا ئەدلىيە دىۋانىغا قاراشلىق ئومۇمىي مەھكىمىگە ئەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2016-يىلى گوگۇل شىركىتىنى « Android » پىروگراممىسى ئارقىلىق بازارنى ئىگىلىۋېلىش ۋە رىقابەت قائىدىلىرىگە زىت ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ يىل ئىيۇلدا گوگۇلنىڭ تېلېفون ۋە كىچىك تىپلىق كومپىيۇتېرغا ئوخشاش كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان « Android »پىروگراممىسى ئارقىلىق بازاردىكى نوپۇزىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، 4 مىليارد 300مىليون ياۋرو تۆلەم جازاسى بەرگەنىدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەقىللىق تېلېفون سىستېمىسى بولغان « Android »، گوگۇلغا نىسبەتەن غول كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرنىڭ رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپ قىلىپ قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەكشۈرۈش جەريانىدا رىقابەت ياكى ئالاقىدار قانۇنلارغا زىت ئەھۋاللارنى بايقىسا دەرھال بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىپ، بۇنى سادىر قىلغان شىركەت ۋە شەخسلەرگە تۆلەم جازاسى بېرىدۇ.


خەتكۈچ: #google , #Android , #گوگۇل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر