ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى: دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1065311
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى: دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوربان ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە پايتەخت بۇداپېشتتا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ۋېنگىرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۈركىيەدە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇشى ۋېنگىرىيەنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيەمۇ ۋېنگىرىيەگە ئوخشاشلا كۆچمەنلىك يوللىرى ئۈستىگە جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇپ، تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتالىغۇدەك كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە قانۇنسىز كۆچمەنلىكنى رايوندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ھاسىل قىلغان كۆچمەنلىك كېلىشىمىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىزنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ھەمكارلىقىمىزنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا نامايەن قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر. مىليونلارچە كۆچمەننى باغرىغا باسقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىىش بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. شۇڭا ۋېنگىرىيە تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش نىشانىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىيالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر