كىم جوڭئۇن پاپا فىرانجىسجۇسنى شىمالىي كورېيەگە تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كاتالوكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى ۋە ۋاتىكان دۆلەت رەئىسى پاپا فىرانجىسجۇسنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1065295
كىم جوڭئۇن پاپا فىرانجىسجۇسنى شىمالىي كورېيەگە تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىم جوڭئۇننىڭ ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىنغا پاپانىڭ شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 

باياناتتا، كىم جوڭئۇننىڭ بۇ تەكلىپىنى جەنۇبىي كورېيە رەھبىرى مۇن جائىننىڭ 18ئۆكتەبىردە ۋاتىكاندا ئۆتكۈزىدىغان زىيارىتى جەريانىدا پاپاغا يەتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى تۈپەيلىدىن دۈچ كەلگەن خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ئېمبارگولار، دېپلوماتىك بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن دېپولماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلەشتۈردى.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا بىلەن دۆلەت رەئىسلىرى سەۋىيەسىدە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ئۇچرىشىشلاردا قارشى تەرەپكە يادرو پىروگراممىلىرىغا خاتىمە بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى مەملىكەتتە بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.

2000يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۆرېيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى، ئەينى چاغدىكى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئىلمۇ كاتالوكلارنىڭ سابىق رۇھانى رەھبىرى پاپا 2پائۇلنى شىمالىي كورېيەگە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

ۋاتىكان شۇ مەزگىلدە «شىمالىي كورېيەدىكى كاتولىك راھىپلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت بېرىلمىگۈچە، شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر