ئىدلىبتىكى ئاشقۇن ۋە ئۆكتىچى كۈچلەر چېكىنىشكە باشلىدى

سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىدلىبتە بەرپا قىلىنىدىغان قوراللاردىن خالىي رايوندىن ئۆكتىچى كۈچلەر، ئەسەد ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان كۈچلەر ئېغىرتىپلىق قوراللىرىنى ياندۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى.

1064399
ئىدلىبتىكى ئاشقۇن ۋە ئۆكتىچى كۈچلەر چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا  قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئۆكتىچىلەر تۈنۈگۈن كېچىدىن باشلاپ، ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى  يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان قورالىق كۈچلەر بولسا بەزى جايلاردىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ چىقىشقا باشلىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە گۇرۇپپىلاردىن سىرت ئەسەدكە قارشى قوراللىق كۈچلەر،  بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئالدىنقى سەپتىن ئېغىر تىپلىق قوراللار، ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇساپىلىك راكېتامىيوتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياندۇرۇپ چىقتى.

ئۆكتىچىلەر بىلەن رايوندىكى تۈرك مەسئۇللار ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ياندۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈرك ئارمىيەسى قىسىملىرى سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان چارلاش خىزمەتلىرى ئۈچۈن، ئېغىر تىپلىق قوراللاردىن تازىلانغان جايغا ھەر خىل قوراللىق-ياراغ ۋە ھەربىي ماشىنىلارنى يۆتكەشكە باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 7-سېنتەبىردە سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە بىنائەن، ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 17-سېنتەبىردە سوچى شەھىرىدە كۆرۈشتى.

سوچى شەھىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم،  بۇ يىل 15-ئۆكتەبىرگىچە ئىدلىبنىڭ 15-20 كىلومېتىرلىق رايونىدا قوراللاردىن خالىي لىنىيە بەرپا قىلىش ۋە بۇ لىنىيەنىڭ نازارىتىنى تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئۆكتىچىلەر، ھاكىمىيەتكە قارشى بولغان ھەيەت تەھرىر شام، ئەسەد ئەسكەرلىرى ۋە چەت ئەللىك قوراللىق كۈچلەر قوراللىق خالىي لىنىيەدىن قورال-ياراغلىرىنى ياندۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى لىنىيەدىن ياندۇرۇپ چىققان كۈچلەر تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى ئۆزلىرى قوغدايدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بولسا نازارىتى ئاستىدىكى رايونلاردا بىرلىكتە چارلاش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر