تايلاندتا ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقتى
تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا توقونۇش كېلىپ چىقىپ 2 ساياھەتچى ئۆلدى.
1064639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتا قوراللىق ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 2 ساياھەتچى ئۆلدى.
تايلاند تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، ساقچىلار پايتەخت باڭكوكتىكى بىر سودا-سېتىق مەركىزىگە يېقىن جايدا ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا بىر ھىندىستانلىق بىلەن بىر لاۋۇسلۇق ساياھەتچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار توقۇنۇشتا 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى.