نېتانياھۇنىڭ رەپىقىسى سوتقا تارتىلدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ رەپىقىسى سارا نېتانياھۇنىڭ ئۆيىدە مائاشلىق ئاشپەز تۇرۇپ، سىرتتىن تەييار تاماق زاكاس قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1064586
نېتانياھۇنىڭ رەپىقىسى سوتقا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ رەپىقىسى سارا نېتانياھۇ دۆلەت فوندلىرىنى ھىيلە ئىشلىتىپ، خۇسۇسىي يېمەك-ئىچمەك ئىشلىرىغا ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چاقىرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، سارا نېتانياھۇ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. سوت 13-نويابىرغا كېچىكتۈرۈلگەن.

سارا نېتانياھۇ 13-ئىيۇندا قويمىچىلىق ۋە ئىشەنچتىن پايدىلىنىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان ئىدى.

سارا نېتانياھۇ ئۆيىدە مائاشلىق بىر ئاشپەز بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاشپەز يوق دەپ 100 مىڭ دوللارلىق تەييار تاماق زاكاس قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەيىبلەشلەرگە قارىغاندا، سارا نېتانياھۇ 2010-2013-يىللىرى ئارىسىدا دۆلەت فوندىدىن پايدىلىنىپ، يۈزلەرچە قېتىم تەييار تاماق زاكاس قىلغان.

ئىسىرائىلىيەدە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيىدە مائاشلىق بىر ئاشپەز بار بولغان ئەھۋالدا سىرتتىن تەييار تاق ئۈچۈن خامچوتتىن پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر