بىرازىلىيەدە ئاشقۇن ئوڭچى نامزات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈنۈگۈن(7-ئۆكتەبىر) جەنۇبىي ئامېرىكاغا جايلاشقان بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئاشقۇن ئوڭچى نامزات جائىر بولسونارو يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى.

1064365
بىرازىلىيەدە ئاشقۇن ئوڭچى نامزات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، 7-ئۆكتەبىر بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سانىلىپ بولغان بولۇپ، ئاشقۇن ئوڭچى نامزات بولسونارو %46 ئاۋازغا، ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى فېرناندو ھادداد %29 ئاۋازغا ئېرىشكەن. بولسونارو 49 مىليون بېلەت، ھادداد 31 مىليون بېلەت ئالغان.

سايلامدا نامزاتلارنىڭ ھېچقايسىسى %50 دىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 28-ئۆكتەبىر ئىككىنچى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈنۈگۈنكى سايلامدا ئىشتات باشلىقلىرى، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلاندى.

بۇرۇن بىرازىلىيە ئارمىيەسىدە يۈز بېشى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولسونارونىڭ پارىخورلۇققا ۋە ھەر خىل جىنايەتلەرگە قارشى تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى، ئەلرايىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر