ئامېرىكا تۈركىيەگە جاۋاب قايتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇنبىچ مەسىلىسىدە تۈركىيەگە جاۋاب قايتۇردى.

1062897
ئامېرىكا تۈركىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جوزېف ۋوتېل، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا چاقىرىلغان بىر يىغىنغا، تېلېكونفېرانس ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتاشقاندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونى توغرۇلۇق تۈزۈلگەن «يول خەرىتىسى» دائىرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋوتېل بىر مۇخبىرنىڭ «مۇنبىچ» قا ئالاقىدار  سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «يول خەرىتىسى» نىڭ نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ، مۇنبىچنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئىكەنلىكىنى، لېكىن، بۇنىڭ تېخىچە ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇنىڭ قاچان ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، <يول خەرىتىسى> مەسىلىسىدە توغرا نۇقتىدا تۇرۇۋاتىمىز. پىلاننىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ شەرت – شارائىتلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدۇق. نۆۋەتتە بىز پىلان بويىچە كېتىۋاتىمىز، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ھەممىسى بولمىسىمۇ، ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇنبىچنىڭ سىرتىدا.»

تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشىنى ئىشقا كىرىشتۈش توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ۋوتېل، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، چارلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان كۈچلەرنىڭ تەلىم – تەربىيەسى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان: «مۇنبىچ <يول خەرىتىسى> نىڭ 90 كۈن ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى زۆرۈر بولغىنىغا قارىماي، تېخىچە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى باشلانغىنى يوق، بۇ كېچىكىشكە كىم جاۋابكار؟ تۈركىيەمۇ؟ ئامېرىكىمۇ؟» تەرىقىسىدىكى  باياناتىنى  نەقىل كەلتۈرۈپ سورىغان سوئالىغا، ۋوتېل مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋابكار ئەمەس، چۈنكى، بۇ كېلىشىمنىڭ شەرت – شارائىتلارغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنىشىدۇر، بۇ ھەقتە باشتىن تارتىپلا ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىمىز ھەمدە پىلان بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

«سەرپ قىلىنغان ۋاقىت نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىم دائىرىسىدە مەسئۇلىيەتلىرىنى ھازىرمۇ ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتالامسىز؟» تەرىقسىىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن ۋوتېل، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ئېيتالايمەن، چۈنكى، بىز كېلىشىمگە قەتئىي رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر