خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى يوقاپ كەتتى

خىتاي پۇقراسى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ باشلىقى خوڭۋېي مېڭنىڭ فرانسىيەدىن خىتايغا زىيارەتكە كەتكەن كۈندىن تارتىپلا ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1063299
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى خوڭۋېي مېڭنىڭ فرانسىيەدىن خىتايغا كەتكەن كۈندىن تارتىپلا يوقاپ كەتكەنلىكى، 29سىنتەبىردىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقى ۋە بۇ ھەقتە جىددىي تەكشرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«Europe 1» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، مەركىزىي ئىشخانىسى فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ باشلىقى مېڭنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، خىتاي پۇقراسى مېڭنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 29ئىيۇلدا فىرانسىيەدىن ئايرىلغانلىقى، شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئۇچۇر يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى خوڭۋېي مېڭنىڭ ئايالىنىڭ بۇ ھەقتە فىرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى ۋە ساقچىلارغا ئىپادە بەرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

خىتاي پۇقراسى خوڭۋېي مېڭ 2016يىلى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر