پومپېئو: S-300 لەر ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە S-300 بېرىشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە رايونغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

1062141
پومپېئو: S-300 لەر ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېئو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدىكى نىيىتىمىز ھەققىدە قەتئىي بىر نەرسە دېمەيمەن» دېدى.

ئۇ، بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە S-300 لەرنى تاپشۇرغان بولۇشى، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان رايونلاردىكى بارلىق تەرەپلەرگە نىسبەتەن خەۋپلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلىنى ئۇلغايتىش، دەپ قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان بولسا، سۈرىيەگە يوللانغان رۇسىيەنىڭ  S-300 لىرىغا قارىماي، سۇرىيە تەۋەلىكىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى؛ لىبېرمان كان-رېكا رادىيوسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، «يىللاردىن بۇيان سۇرىيە كىرىزىسىغا مۇداخىلە قىلىشنى پىلانلىمىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز. پەقەت ئىراننىڭ سۈرىيەنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىلغار بىر ساقچى پونكىتىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى ياكى سۇرىيە زېمىنلىرىدىن ئىراندىن ھىزبۇللاھقا ئىلغار قوراللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئارقا سەپ مەركىزى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

17 – سېنتەبىردە سۈرىيەنىڭ لازىقىييە رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئەسناسىدا ئىل-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈرۈلىۋېتىپ، ئايروپىلاندىكى 15 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان رۇسىيە دائىرىلىرى، ئىسرائىلىيەنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىغانىدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىل-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قالغان قىلىۋالغانلىقى تۈپەيلى چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، موسكۋا دائىرىلىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە  S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىشنى قارار قىلغانىدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئالدىنقى كۈنى بايانات بېرىپ، سۈرىيەگە يېڭى  S-300 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن 49 پەرقلىق ھەربىي تېخنىكا ئاپپاراتى بەرگەنلىكلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر