سەئۇدى ئەرەبىستان پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرىدە نېفىت بۇرغىلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرىدە كۆلەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نېفىت بۇرغىلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.

1061432
سەئۇدى ئەرەبىستان پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرىدە نېفىت بۇرغىلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پاكىستاننىڭ ئوكيان بويىغا جايلاشقان گىۋادار شەھىرىدە نېفىت بۇرغىلاش بازىلىرى قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەزكۇر لايىھە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىنىڭ پاكىستاننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا قاتنىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەيئىتى، نېفىت بۇرغىلاش بازىسى توغرۇلۇق تەييارلاپ چىققان دوكلاتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

گىۋادار پورتى ئىدارىسى مۇدىرى مىر دوستىن خان جەمالىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ گىۋاداردا كۆلەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نېفىت بۇرغىلاش بازىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: بۇ نېفىت بۇرغىلاش بازىسى پاكىستاننىڭ نېفىت ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەيئىتىگە نېفىت بۇرغىلاش بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىككى جاي كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان جەمالىدىن مۇنداق دېدى: «نېفىت بۇرغىلاش بازىسىنى ئۇلار كۆرسەتكەن گىۋادار شەھىرىدە ياكى شەھەرگە يېقىن دېڭىز ئۈستىگە بەرپا  قىلىش تەكلىپىنى بەردۇق. تەكلىپ ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىمىز، سەئۇدى ئەرەبىستان كۆپ ۋاقىتلاردا نېفىت سودىسىنى قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا، گىۋادار ئۇلارغا نىسبەتەن يېڭى تاللاش بولىدۇ.»

پاكىستان تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە گىۋادار شەھىرىمۇ جايلاشقان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ئالتۇن ۋە مىس كانلىرى ئېچىش ئۈچۈنمۇ مەبلەغ سالىدۇ.

پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلى تۈزۈلگەن خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى كېلىشىمى، خىتاينى پاكىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقىغا تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول، تۆمۈر يول ۋە تۇرۇببا لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا ئۆتكەن ئاي رەسمىي تەكلىپ قىلىندى.

لايىھەگە 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، كەشمىر ۋە ھايبەر پاھتۇنھۋادىكى بەزى لايىھەلەرگىمۇ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر