مايك پومپېيو كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن پايتەخت پىيوڭياڭدا كۆرۈشىدۇ.

1061143
مايك پومپېيو كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 7-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن پايتەخت پىيوڭياڭدا كۆرۈشىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت، كۈندىلىك ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا كۆرۈشۈش توغرۇلۇق توختالدى.

پومپېيونىڭ 6-8-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە ياپونىيە، خىتاي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ناۋۇرت: مىنىستىر 6-7-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە توكيودا باش مىنىستىر شىنزو ئابې ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كونو بىلەن كۆرۈشىدۇ، 7-ئۆكتەبىردە پىيوڭياڭدا پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدۇ، دېدى.

مىنىستىر پومپېيو ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ خو بىلەن كۆرۈشكەندە،  مىنىستىر رى يوڭ خونىڭ ئۆزىگە پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇننىڭ پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ پومپېيونىڭ پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى، سىنگاپۇر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىملالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى يوق قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا تەييارلىنىش ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپمۇ ئۆتكەن ھەپتە كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىگە بىنائەن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قاچان ۋە قەيەردە كۆرۈشۈش توغرۇلۇق توختالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر