فىرانسىيەدە تۈرمىدىن تىك ئۇچار بىلەن قېچىپ كەتكەن مەھبۇس قولغا چۈشتى

فىرانسىيەدە قوراللىق 3 كىشى تۈرمە ھويلىسىغا تىك ئۇچار بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئېلىپ قاچقان مەھبۇس رېدوين فائىد، 3 ئاي ئىز سۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى قولغا چۈشتى.

1061721
فىرانسىيەدە تۈرمىدىن تىك ئۇچار بىلەن قېچىپ كەتكەن مەھبۇس قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى «France Info» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 46 ياشلىق مەھبۇس رېدوين فائىدنىڭ كرېل شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، 100 گە يېقىن ساقچى ۋە ئالاھىدە قىسىمدىن تەشكىللەنگەن ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ ئەتىگەن سەھەردە نۇرغۇنلىغان ئاپتومبىل بىلەن مەھەللىنى قورشاۋغا ئالغانلىقى ۋە بىنادىكى ئۆيدىن رېدوين فائىد بىلەن بىرگە 4 كىشىنى نازارەتكە ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

رېدوين فائىدنىڭ يېقىنلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئۆيدىن 2 دانە قورال چىققانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

بۇ يىل 1 - ئىيۇل كۈنى، ئېغىر قوراللانغان 3 كىشى بىر شىركەتتىن بۇلاپ قاچقان تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى رېئۇ تۈرمىسىنىڭ ھويلىسىغا قونغان. دەسلەپتە ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ، ئاندىن تۆمۈر كېسىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تۈرمە ئىشىكىنى كېسىپ، مەھبۇس رېدوين فائىدنى ئېلى قاچقان ئىدى.

تىك ئۇچار ئايروپىلان تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پارىژنىڭ شىمالىغا قاراپ ئۇچقان ۋە تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشقان ئىز قوغلاشتىن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چارلېس دە گۇللە ئايرودورۇمىغا يېقىن جايدا كۆيۈپ كەتكەن ھالدا تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

قوراللىق كىشىلەرنىڭ بولسا، تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە قارا رەڭلىك ئاپتوموبلى بىلەن «A1» تىز سۈرئەتلىك يولىغا كەتكەنلىكى بايقالغان ئىدى.

رېدوين فائىد ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئۇلناي سوس بوئىس پويىز ئىستانسىسىدا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇپ ئىزلىرىنى يوقاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 

رېدوين فائىد نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرگە ئارىلاشقان، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 2010يىلىدا بىر بانكا ئاپتوموبىلىنى بۇلاش ئەسناسىدا، 26 ياشلىق بىر ساقچى مەمۇرىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلنىپ، 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

رېدوين فائىد ھەتتا ئۆز ھاياتىنى ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى مەزمۇن قىلغان بىر كىتابمۇ يازغان بولۇپ، ئۇ 2013يىلى 13 - ئاپرىلدا تۈرمە جازاسىنى چېكىۋاتقان لىللە سېكۇئىدىن تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەن ۋە 29 - مايدا بىر مېھمانخانىدا قايتا قولغا چۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر